2018 ئىش پۇرسىتى يىلى بولىدۇ

«ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «2018 ئىش پۇرسىتى يىلى بولىدۇ» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

917666
2018 ئىش پۇرسىتى يىلى بولىدۇ

«ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى ئىقتىساد كافېدراسى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «2018 ئىش پۇرسىتى يىلى بولىدۇ» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز!

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: 2017 – يىلىنىڭ نويابىر ئېيىدا ئېلان قىلىنغان ئەمگەك كۈچىگە ئالاقىدار ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار، تۈركىيەنىڭ ئىش پۇرسىتى يارىتىش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. تۈركىيەنىڭ 2017 – يىلىنىڭ دەسلەپكى ئۈچ چارىكىدە قولغا كەلتۈرگەن %7.4 لىك ئىقتىسادىي ئېشىشى ئەمگەك كۈچى بازىرىدا ناھايىتى روشەن ئەكس ئەتتى،  2018 – يىلىدا ئىش پۇرسىتى يارىتىشتا قانداق سىياسەتلەر يولغا قويۇلۇپ، قايسى يۆنىلىشلەر بويىچە قەدەملەر تاشلىنىدۇ. بۇنىڭغا بىر قاراپ چىقايلى.

2017 – يىلى نويابىر ئېيىدا ئېلان قىلىنغان ئايلىق ئىشسىزلىق نىسبىتىگە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار، تۈركىيە ئەمگەك كۈچى بازارلىرىدا مۇھىم ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئىشسىزلىق بىر ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش ئېيىدا %12.1 بولغان بولسا، يېڭى ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلار بۇ نىسبەتنىڭ %10.3 گە تۆۋەنلىگەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ  تۆۋەنلىشى بىلەن بىرگە، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشقانلىقىمۇ نامايان بولدى.

بۇ دائىرىدە، 2017 – يىلى نويابىر ئېيىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار سانى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا، 1 مىليون 448 مىڭ كىشى ئېشىپ، 28 مىڭ 515 كە يەتتى. بۇ مەزگىلدە ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ ئېشىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەر قاتارىدا:

  1. خىزمەت مۇھىتىغا ئالاقىدار ئىسلاھاتلارنىڭ ئېلىپ بېرىلىپ، يېڭىلىقلارنىڭ روياپقا چىقىرىلىشى،
  2. تۈركىيە قولغا كەلتۈرگەن كۈچلۈك ئىقتىسادىي ئېشىش،
  3. ئىش پۇرسىتى يارىتىش تەشۋىقاتلىرى ۋە ئۇ ساھەنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەش،
  4. 2017 – يىلى يولغا قويۇلغان ئىش پۇرسىتى يارىتىش سەپەرۋەرلىكى قاتارلىقلارنى ساناپ ئۆتۈش مۇمكىن.

بۇ مەزگىلدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سەپەرۋەرلىكى دائىرىسىدە يولغا قويۇلغان قوشۇمچە ئىش پۇرسىتى ياراتقۇچىلار، ئاياللار ۋە بالىلارغا قارىتىلغان رىغبەتلەندۈرۈش خىزمەتلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللار ھېسابلانسا، تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ 2017 – يىلىنىڭ دەسلەپكى ئۈچ چارىكىدە قولغا كەلتۈرگەن %7.4 لىك ئېشىشنىڭمۇ ئەمگەك كۈچى بازارلىرىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئەستىن چىقارماسلىق لازىم.

تۈركىيە نۆۋەتتە ئەمگەك كۈچى بازارلىرىنى يېتەكلەش ئارقىلىق خىزمەت ھاياتىنى سۈپەتلىك، ئىلغار ئەمگەك كۈچى بىلەن ھىمايە قىلغان ئاساستا گۈللەنمەكتە. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن بۇ ئۇتۇقنى سىجىللىققا ئىگە قىلىش، ئالدىمىزدىكى يىلدا 1 مىليونغا يېقىن ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يېڭى ئىش پۇرسىتى يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش سىياسەتلىرى يولغا قويۇلىدۇ.

ئىش پۇرسىتى يارىتىشنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى نىشان قىلغان سەپەرۋەرلىك چاقىرىقلىرىغا قوشۇمچە قىلىپ، 2018 – يىلى يولغا قويۇلۇشى پىلانلىنىۋاتقان «ئىش پۇرسىتى يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش» پىلانى تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ۋە جەزبىدار پۇرسەتلەر ئارقىلىق پەرقلەرنى نامايان قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئاياللار بىلەن ياشلارنىڭ ئىش – خىزمەت ساھەسىدىكى رولىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە، ئىشلەپچىقىرىش ۋە پەن – تېخنىكا ساھەسىنىڭمۇ بۇ رىغبەتلەندۈرۈش پىلانى ئارقىلىق ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىلىشى كۆزلەنمەكتە.

يەنە، ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە كەسىپ ئەھلىلىرىنى يېتىشتۈرۈش كۇرسلىرىنى ئېچىش ئارقىلىق خىزمەت ھاياتىدا ھەم مائارىپ ھەم ئەمەلىي جەھەتتىن مۇھىم قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشى پىلانلانماقتا. سۈپەتلىك ئەمگەك كۈچى ئېھتىياجىنى قامداشتا ناھايىتى مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدىغان كەسپىي تەلىم – تەربىيە كۇرسلىرىنىڭ ئىش باشلاش تەربىيەسى پىلانلىرى ئارقىلىق قوللاپ – قۇۋۋەتلىنىشى، يەنى ھەم نەزەرىيە ھەم ئەمەلىي تەربىيەنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىشى، شۈبھىسىزكى، ئەمگەك كۈچى بازارلىرىنىڭ تېخىمۇ سۈپەتلىك بىر قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ يىللىق ئۆلچەمدە ئېشىشىدىنمۇ بەكرەك، قولغا كەلتۈرۈلگەن بۇ ئېشىشنى سىجىللىققا ئىگە قىلىشمۇ ئالاقىدار پىلانلارنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ مەنىدە، ئەمگەك ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئېشىشنى سىجىللىققا ئىگە قىلىش بىلەن بىرگە، تۈركىيەنىڭ سىغدۇرۇشچان ئىقتىسادىي ئېشىش نىشانىغا يېتىشىمۇ مۇمكىن بولىدۇ.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن سىجىل ئىقتىسادىي ئېشىش

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتىنىڭ ئېشىشىدا ئىقتىسادىي ئېشىش قانچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرسا، بۇ ئېشىشنىڭ سىجىل بولۇشىمۇ شۇنچىلىك مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئىقتىسادىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ فېۋرال ئېيىدىكى ژۇرنىلىدا كۆرسىتىلگىنىدەك، «سىجىل ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ھەمنەپەس ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن، سانائەتچىلەر ۋە كىچىك تىپتىكى كارخانىلار قوللاپ – قۇۋۋەتلەنمەكتە ۋە بۇ قوللاش دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن يېڭىلىنىپ، مەبلەغ سالغۇچىغا تەقدىم قىلىنماقتا. سىجىل ئېشىشنىڭ قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغان بولۇشى ئۈچۈن؛ كۈچەيتىلگەن 6 – رايون ياردەملىرى، بازاردا ئالاھىدە رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتى دائىرىسىدىكى ئىش پىلانىغا قاراپ ياردەم قىلىش تۈزۈمى ۋە ئىش پۇرسىتى يارىتىشقا قىزىقتۇرۇش سىياسەتلىرى ناھايىتى مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.»

يەنە بىر تەرەپتىن، ئېنېرگىيە ساھەسىدە يېقىنقى يىللاردا كۆرۈلگەن ئۆزگىرىشلەر، بولۇپمۇ تۈركىيەنىڭ قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەلىرى ساھەسىدە 2019 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەلىك ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىش ئىستانسىلىرىنىڭ ئومۇمىي كۈچىنى 45 مىڭ مېگاۋاتتىن ئاشۇرۇش نىشانى ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى بېقىندىلىقنى ئازايتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىمدۇر.

دېمەك، ئېنېرگىيە سېلىنمىلىرىنىڭ بولۇپمۇ قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ساھەسىگە سېلىنىدىغان سېلىنمىنىڭ تۈركىيەدە ئىقتىسادىي ئېشىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، كەڭ ئىش پۇرسىتى يارىتىدىغانلىقى ئېنىقتۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر