«تۈركىيە ئىراققا 5 مىليارد دوللار كىرېدىت ياردەم بېرىدۇ»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ ئىراقنىڭ قايتىدىن قۇرۇپ چىقىلىشى ئۈچۈن ئىراققا 5 مىليارد دوللار كىرېدىت ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

911379
«تۈركىيە ئىراققا 5 مىليارد دوللار كىرېدىت ياردەم بېرىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ئىراقنى قايتا قۇرۇپ چىقىش كونفېرانسى» غا قاتنشىش ئۈچۈن كۇۋەيتتە زىيارەتتە بولغان چاۋۇشئوغلۇ، تۈرك شىركەتلىرىنىڭ ئىراقتا ھۆددىگە ئالغان ۋە پۈتتۈرگەن لايىھەلىرىنىڭ قىممىتىنىڭ 25 مىليارد دوللارغا يېتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىراقنى قايتا قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئىراققا 5 مىليارد كىرېدىت ياردەم بېرىش توغرۇلۇق ۋەدە بەردۇق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىنسانىي ۋە تەرەققىيات لايىھەلىرى ئۈچۈنمۇ 50 مىليارد دوللارلىق كىرېدىت ياردەم بېرىشكە ۋەدە بەردۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر