پوۋېل ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى

ئامېرىكا پالاتاسى، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ تەرىپىدىن ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى باشلىقلىقىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن جېرومې پوۋېلنىڭ باشلىق بولۇشىنى ماقۇللىدى.

895828
پوۋېل ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نۆۋەتتە ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى رەھبەرلىك ئاپپاراتى ئەزاسى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان پوۋېلنىڭ نامزاتلىقى پالاتادىكى بېلەت تاشلاشتا 12 گە قارشى 85 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى.

دۇنيانىڭ ئەڭ مۇھىم مەركىزىي بانكىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسىنىڭ يېڭى باشلىقى بولۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن پوۋېل، قەسەم بەرگەندىن كېيىن نۆۋەتتىكى مەركىزىي بانكا باشلىقى جانېت يېلېننىڭ ئورنىنى ئىگىلەيدۇ.

پوۋېلنىڭ 2012 – يىلىدىن بۇيان بىرلىكتە خىزمەت قىلىۋاتقان يېلېنىڭ پۇل باشقۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشى كۈتۈلمەكتە. پات ئارىدا ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقلىقىنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغان پوۋېلنىڭ بايلىقىنىڭ مالىيە ساھەسىدىكى «ئۇتۇقلۇق» خىزمەتلىرى سايىسىدا 55 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكى دەپ تەخمىن قىلىنماقتا. بۇ، پوۋېلنىڭ 1940 – يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ باي ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى باشلىقى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

سىياسەت ۋە قانۇن ساھەلىرىدە ئوقۇغان پوۋېل، بانكىنىڭ 40 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيانقى «ئىقتىساد دىپلومىغا ئىگە ئەمەس بىردىنبىر باشلىقى» بولۇش ئالاھىدىلىكىگىمۇ ئىگە بولىدۇ.

بانكىغا 1978 – يىلىدىن كېيىن باشلىق بولغان پائۇل ۋولكېر، ئالان گرېنسپان، بېن بېرنانكې ۋە جانېت يېلېن قاتارلىق ئىقتىساد ساھەسىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانلىرىغا ئىگە ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر