ئامېرىكا: رۇس شىركەتلىرىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشىمىز مۇمكىن

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى رۇسىيەنىڭ 39 خۇسۇسىي شىركىتى بىلەن دۆلەت تەشكىلاتىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلۈش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى جاكارلىدى.

835966
ئامېرىكا: رۇس شىركەتلىرىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشىمىز مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىرلىق تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكىدا بۇلتۇر نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنت سايلىمىغا مۇداخىلە قىلغانلىقى ۋە ئۇكرائىناغا قاراتقان سىياسىتى سەۋەبىدىن رۇسىيەدىكى بەزى ئورۇنلار ۋە شەخسلەرگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى، تىزىملىكتىن  رۇسىيە ئارمىيەسىگە ۋە ئاخبارات ئورگىنىغا خىزمەت قىلغان شىركەتلەرنىڭ ئورۇن ئالغانلىقى قەيت قىلىندى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن ئورۇنلارغا 2018 – يىلى 28 – يانۋاردىن باشلاپ ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىكەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېسېر ھاۋېرتنىڭ ئۇقتۇرۇشىچە، دىپلوماتىيە مىنىستىرى رېكس تىللىرسۇن تەرىپىدىن تەستىقلانغان تىزىملىك دۆلەت مەجلىسىگە يوللانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر