رۇسىيە ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

رۇسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بەزى ساھەلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنىڭ ۋاقتىنى ئالتە ئاي ئۇزارتقانلىقىغا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

761215
رۇسىيە ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا كېڭىشى ئۇكرائىنانى مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى سەۋەبىدىن رۇسىيەنىڭ بەزى ساھەلىرىگە قارىتا يۈزرگۈزۈلۈۋاتقان ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش قارارى چىقىرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رۇسىيەدىن بۇنىڭغا قارىتا «ئۆچ ئېلىش» جاۋابى كەلدى.

كرېمىل باياناتچىسى دمىترى پېسكوۋ موسكۋانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېمبارگو قارارىغا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك جاۋاب قايتۇرۇش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ ۋاقتى 2017-يىلى 31-ئىيۇل توشاتتى. مەزكۇر قارار بىلەن رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ ۋاقتى 2018-يىلى 31-يانۋارغىچە ئۇزارتىلغان بولدى.

ئىقتىسادىي ئېمبارگولار بويىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەتنىڭ رۇسىيەگە قورال سېتىشى، رۇسىيەنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ساھەلىرىگە ئىشلىتىلىدىغان بەزى تېخنىكىلارنىڭ سېتىلىشى ۋە سېتىۋېلىنىشى چەكلىنىدۇ، رۇسىيە دۆلەت بانكىلىرى ياۋروپا پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ 2014-يىلى قىرىمنى ئۆزىگە قانۇنسىز قوشۇۋېلىشى ۋە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن كېيىن، رۇسىيەگە قارشى ئىقتىسادىي ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى باشلىغان ئىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالتە ئايدا بىر قېتىم مۇددىتى ئۇزارتىلىدىغان ئېمبارگو قارارىنى 2014-يىلى چىقارغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر