غەززەگە ھېيتلىق سوۋغات

تۈركىيەدىن غەززەگە ھېيتلىق سوۋغات.

754280
غەززەگە ھېيتلىق سوۋغات

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان تۈركىيە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەزلۇملارغا ياردەم قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا.

بۇ دائىرىدە روزا ھېيتتىن ئىلگىرى 4-ئىيۇندا سومالىغا <ئۈمىدلىك بولغىن>ناملىق ياردەم پاراخوتى بىلەن ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتكەن تۈركىيە بۇ يىل پەلەستىننمۇ ئۇنتۇپ قالمىدى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ پەلەستىن ئۈچۈن <خوشخەۋەرلىرىمىز بار>دېگەن جۈملىسىنىڭ تەپسىاتلىرى ئايدىڭلىشىشقا باشلىدى، باش مىنىستىرلىققا قاراشلىق جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشچىلىقىدا غەززەگە 15 توننىلىق ياردەم بۇيۇملىرى ئېلىپ ماڭىدىغان پاراخوت ئەتە غەززەگە قاراپ يولغا چىقىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر