تۈرك ۋە ئىران شىركەتلىرى 3 تۈرلۈك كېلىشىم تۈزدى

ئىراننىڭ ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك سېلىنما گۇرۇھى بىلەن تۈركىيەدىكى ئىككى خۇسۇسىي شىركەت 95 مىليون دوللارلىق 3 تۈرلۈك كېلىشىم تۈزدى.

743672
تۈرك ۋە ئىران شىركەتلىرى 3 تۈرلۈك كېلىشىم تۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا ئۆتكۈزۈلگەن ئىمزا مۇراسىمىغا، تۈركىيە تەرەپكە ۋەكالىتەن مافىن ۋەست گۇرۇھىنىڭ دىرېكتورى فىرات يىلماز، ئىران تەرەپكە ۋەكالىتەن شاشتا گۇرۇھى باش دىرېكتورى سەييىد رىزا نەۋرۇززادا بىلەن ھۇررەمشەھىر پارلامېنت ئەزاسى ئابدۇللاھ سامىرى ئىشتىراك قىلدى.

كېلىشىم، 10 مىليون دوللار قىممىتىدىكى قوشما يولۇچىلار پاراخوتىنىڭ سېتىلىشى، 70 مىليون دوللار قىممىتىدىكى سابا سودا بىناسىنىڭ تۈرك قۇرۇلۇش شىركىتى تەرىپىدىن سېلىنىشى، ئىراننىڭ ھۇررەمشەھىر شەھىرىدىكى ئارۋاندان رايونىدا 15 مىليون دوللار قىممىتىدىكى پاراخوت ياساش ۋە رېمۇنت قىلىش مۇئەسسەسەسىنىڭ تۈرك شىركىتى تەرىپىدىن ھۆددىگە ئېلىنىشىنى مەزمۇن قىلىدۇ.

مافىن ۋەست گۇرۇھىنىڭ دىرېكتورى فىرات يىلماز مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، ئىران بىلەن تۈركىيەنىڭ ئوخشىمىغان ساھەلەردىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىراننىڭ تۈركىيە ۋە ياۋروپا بازارلىرىغا ئېچىلىدىغان ئىشىكى بولۇشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

شاشتا گۇرۇھى باش دىرېكتورى سەييىد رىزا نەۋرۇززادا، نېفىت خىمىيەسى، بالون ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ئۆزلىرى ئېھتىياجلىق بولغان باشقا ساھەلەردىمۇ تۈرك شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ھۇررەمشەھىر پارلامېنت ئەزاسى ئابدۇللاھ سامىرى پاراخوت ياساش مۇئەسسەسەسىنىڭ ھۇررەمشەھىردە ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىنىڭ ناھايتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھۇررەمشەھىر پاراخوت ياساشقا تولىمۇ باب كېلىدىغان بىر شەھەر. ھۇررەمشەھىر خەلقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ مۇھىم كېلىشىمگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىمىز ھەم قوللايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر