سەئۇدى ئەرەبىستان – مىسىر شېرىكلىكىدىكى ئەلئەبۇد گۇرۇھى تۈركىيەگە مەبلەغ سالىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان – مىسىر شېرىكلىكىدىكى ئەلئەبۇد گۇرۇھى تۈركىيەنىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى ئىستانسىسىنى سېتىۋالدى.
715515
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان – مىسىر شېرىكلىكىدىكى ئەلئەبۇد گۇرۇھى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن قۇياش ئېنېرگىيەسى يەرمەنكىسى Solarex تا تۈركىيەنىڭ بۇردۇر رايونىدىكى 6 مىڭ 600 ۋېگاۋاتلىق قۇياش ئېنېرگىيەسى ئىستانسىسىنى سېتىۋالدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇردۇردىكى 125 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق ساھەگە قۇرۇلغان قۇياش ئېنېرگىيەسى ئىستانسىسى يىلىغا 11 مىليون كىلوۋاتلىق توك ئىشلەپچىقىرىدىكەن، بۇ يىلىغا 4 مىڭ ئائىلىنىڭ ئېھتىياجىنى قامداشقا يېتىدىكەن.