ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشىنىڭ ياۋروپا ۋە تۈركىيەگە كۆرسەتكۈسى تەسىرلىرى

«دۇنيا ئىقتىسادى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانى بويىچە «ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشىنىڭ ياۋروپا ۋە تۈركىيەگە كۆرسەتكۈسى تەسىرلىرى» ماۋزۇلۇق تېمىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

706285
ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشىنىڭ ياۋروپا ۋە تۈركىيەگە كۆرسەتكۈسى تەسىرلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: 2016 – يىلى 23 – ئىيۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدە خەلقنىڭ %52 ىنىڭ قوللاپ بېلەت تاشلىشى بىلەن باشلانغان ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش مۇساپىسى، ئەنگلىيە باش مىنىستىرى تېرېسا مەينىڭ بۇ ئىستەكنى ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى باشلىقى دونالد تۇسكغا يازما ھالەتتە بىلدۈرۈشى بىلەن 2017  - يىلى 29 – مارتتا رەسمىي باشلىدى.

ئەنگلىيە، شىمالىي ئىرېلاندىيە، گاللېر ۋە شوتلاندىيەنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشى نەتىجىسىدە ھاسىل بولغان بىرلەشمە خانلىق، بۇنىڭدىن دەل 60 يىل ئىلگىرى قۇرۇلغان زامانىمىز ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرگەن چېغىدىمۇ ئۇزۇنغىچە ئىككىلىنىش ئىچىدە قالغان، 1973 – يىلى ھەل قىلغۇچ قارارىنى چىقىرىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا رەسمىي ئەزا بولغانىدى. بىراق، بۈگۈنكى كۈندە ئوتتۇرىغا چىققان ئايرىلىپ چىقىش دەتالاشلىرىنى بىرىنچى قېتىملىق ئىش دېگىلى بولمايدۇ؛ بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدا بەس – مۇنازىرە ئېلىپ بارغان بىرلەشمە خانلىق دۆلەتلىرىنىڭ ھازىرقى قاراشلىرىمۇ بىر – بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. ئەنگلىيەدە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقى قارىشى ئېغىر سالماقنى ئىگىلىسە، شوتلاندىيە خەلقى 23 – ئىيۇلدىكى ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدە تەكلىپنى رەت قىلىپ بېلەت تاشلىغان بولۇپ، نۆۋەتتە بىرلەشمە خانلىقتىن ئايرىلىپ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇش پىكرىنى بەس – مۇنازىرە قىلماقتا. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر يۈك بولۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە بۇ يۈكنى تېخىمۇ ئۇزۇنغىچە يۈدۈپ يۈرۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىنگلىزلارنىڭ ئەكسىچە، شوتلاندىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ۋە بىرلەشمە خانلىقنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن زىيانلىق ئىكەنلىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر سىياسىي بىرلىك بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر ئىقتىسادىي بىرلىك ئىكەنلىكىمۇ نەزەرگە ئېلىنغىنىدا، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ چىقىشنىڭ ئىقتىسادىي تەرىپى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئاللىقاچان بىرلەشمە خانلىقنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش مۇساپىسىگە 60 مىليارد ياۋروغا يېقىن مەبلەغ كېتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ بولدى؛ بۇ مەبلەغنىڭ قانداق تولۇقلىنىدىغانلىقى ۋە دۆلەت ئىقتىسادىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى مەسىلىسى كۈچلۈك بەس – مۇنازىرە قىلىنماقتا.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرى، ئەنگلىيەنىڭ ئىلگىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قارىماققا بىر قەدەر ئاز تەرەققىي قىلغان دۆلەتلىرىگە مەبلەغ سالىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە قىلغانلىقىنى، بۇ ۋەدىسىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىپ كەتكەن تەقدىرمۇ ئورۇندىشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتمەكتە. ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ھېچقانداق ئىقتىسادىي يۈكنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمايدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بەرگەن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بولسا، باشقا ئەزا ئەللەرنىڭمۇ ئەيىبلەش نىشانىغا ئايلىنىپ قالدى.

ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشىنىڭ تۈركىيەگە كۆرسەتكۈسى تەسىرلىرى

ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوخشاشلا دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق. لوندون، گەرچە ياۋرونى ئۆزىنىڭ ئورتاق پۇلى قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان ياۋرو رايونىغا ئەزا ئەللەرنىڭ ئارىسىدىن ئورۇن ئالمىسىمۇ، ياۋروپانىڭ ئەڭ چوڭ مالىيە مەركىزى بولۇش ئورنىنى ئۇزۇن يىللار بويىچە ساقلاپ قالدى. 2008 – يىلىدىكى ياۋرو كىرىزىسى بىلەن باشلانغان ئىقتىسادىي كىرىزىس، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىقتىسادىنى بارغانچە ئاجىزلىتىپ، دۇنياۋى ئۆلچەمدىكى ئېشىش نىسبىتىنىڭ چېكىنىپ كېتىشىگە، ئۇزۇن يىللار بويىچە ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان ئەزا ئەللەرنىڭمۇ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي كۈچلەر تىزىملىكىدە رەتنىڭ ئارقىسىغا چۈشۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ، تۈركىيەگە ئوخشاش تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن، بىر پۇرسەتكە ئايلاندى.

تۈركىيە بولۇپمۇ 2002 – يىلىدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن ئىقتىسادىي ئېشىشى بىلەن، ھەم رايون ھەم دۇنيا مىقياسىدا تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەرگە ئۈلگە بولدى. ياۋروپا ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشىگە ئەگىشىپ بارغانچە رولىنى يوقىتىپ قويغان لوندوننىڭ ئورنىنى ئىستانبۇلنىڭ ئىگىلەيدىغانلىقى تىلغا ئېلىنىشقا باشلىدى. مالىيە مەركىزى بولۇش يولىدا زور ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە بولغان ئىستانبۇلنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدىكى سۈركىلىشلەر يۈزىسىدىن پارىژ ۋە فرانكفۇرتنىڭ ئارقا پىلاندا قېلىشى بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ ئاشىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

يەنە، ئىتتىپاقتىن ئايرىلىپ چىقىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتكەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىدە داۋالغۇش كۆرۈلگەن ئەنگلىيەنىڭ، تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى، تۈركىيەنىڭ ئەھمىيىتىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىپ بەردى.

بىرلەشمە خانلىقنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشىنىڭ ھەم بىرلەشمە خانلىق، ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەم تۈركىيە باشتا بولۇپ رايون دۆلەتلىرىگە ئىجابىي – سەلبىي تەسىرلىرى بولىدۇ. تۈركىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى بىلەن ئەنگلىيە ئارىسىدىكى سۈركىلىشنى ئۆزى ئۈچۈن پايدىلىق ھالەتكە ئايلاندۇرالىسا، ئۇزۇن يىللار بويىچە رايوننىڭ تەسىرى كۈچلۈك بىر ئاكتيورى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر