خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش سودا ساھەسىگىمۇ كېڭەيدى

ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ خىتاي ئۆكتىچىسى ناۋاررونى سودا مىنىستىرلىقىغا تەيىنلىشىگە خىتاي دائىرلىرى نارازىلىق بىلدۈردى.

636247
خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش سودا ساھەسىگىمۇ كېڭەيدى

ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سودا مىنىستىرلىقىغا خىتاي ئۆكتىچىسى پىروفېسسور ناۋاررونى تەيىنلىشى خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ئاقساراي دۆلەت سودا كېڭىشىنى قۇرغان ۋە بۇ كېڭەشنىڭ رەئىسلىكىگە خىتاي ئۆكتىچىسى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد پەنلىرى پىروفېسسورى ناۋاررونى تەيىنلىگەن دونالد ترامپنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە،  خىتاي دائىرىلىرى جاۋاب قايتۇرۇشقا تەييارلانماقتا. دونالد تىرامپ سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى جەريانىدا خىتايغا قارشى باياناتلارنى بەرگەنىدى.

ئىگلىنىشىچە،«خىتايدىن كەلگەن ئۆلۈم»ناملىق كىتابى بولغان ناۋاررونىڭ  «ئامېرىكا تاۋارلىرىنى سېتىۋالغىن، ئامېرىكىلىق ئىشچىلارنى ئىشقا ئالغىن»دېگەن شوئارنى چىقىش قىلىپ، خىتايغا %45 تاموژنا بېجى يول قويۇش پىلانى بار ئىكەن. خىتاينىڭ بۇنىڭغا قارشى تەدبىرلەرنى ئالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. تۈنۈگۈن خىتاي دائىرلىرى بۇنىڭغا قارشى تۇنجى قەدىمىنى تاشلىدى، خىتاي ھۆكۈمىتى تاشقى پېرېۋوت ئىشخانىسى باياناتچىسى ۋاڭ چۇنيىڭ، 2017-يىلى ئامېرىكا خەزىنە زايوملىرىغا سېلىنىدىغان مەبلەغلەرنىڭ ئازايتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش ئامېرىكا سىياسەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كەلمەكتە. ھەمكارلىق ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن بىردىنبىر تاللاش.»

خىتاي يەنە بويىن شىركىتىگە بەرگەن زاكازلىرىنى بىكار قىلىپ، يېمەك-ئىچمەك ئىمپورتىنى توختىتىشنىمۇ ئويلاشماقتا. ناۋادا خىتاي بويىنشىركىتىدىن زاكاز قىلغان 293 ئايروپىلان بىلەن باشقا چوڭ زاكازلىرىنى بېكار قىلىۋەتسە پاي ئىگىلىرى بىلەن خىزمەت بازىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر