بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يۈك ئاپتوموبىللىرى تۈركىيە چېگراسىدىن ئۆتتى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەلىكلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىش نىشان قىلىنغان، يېمەك - ئىچمەك ۋە دورا ماتېرىياللىرى قاتارلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى قاچىلانغان 25 يۈك ئاپتوموبىلى جىلۋەگۆزۈ چېگرا ئېغىزىدىن سۈرىيە تەرەپكە ئۆتتى.
631372
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ ئاپتوموبىللار خاتاينىڭ رەيھانلى ناھىيەسىگە كەلگەنىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاپتوموبىللىرىنىڭ ھەمراھلىقىدىكى يۈك ئاپتوموبىللىرى چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئىدلىبقا قاراپ ئىلگىرىلىدى.