خىتاي-پاكىستانغا نىسبەتەن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان گىۋادار پورتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى دائىرىسىدە بەرپا قىلىنغان گىۋادار پورتى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

609938
خىتاي-پاكىستانغا نىسبەتەن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان گىۋادار پورتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى دائىرىسىدە بەرپا قىلىنغان پاكىستاننىڭ بەلۇجىستان ئۆلكىسىدىكى گىۋادار پورتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

خىتايدىن پاكىستانغا يۈك ماشىنىلىرى بىلەن توشۇلغان ماللار خىتاي بايرىقى ئېسىلغان پاراخوتلارغا قاچىلاندى.

ئارقىدىن تۇنجى ئېكسپورت پاراخوتى مۇراسىم بىلەن ئۇزىتىپ قويۇلدى.

مۇراسىمدا سۆز قىلغان پاكىستان باش مىنىستىرى نەۋاز شەرىف، چەت ئەل كارخانىچىلىرى خەلقئارا سودا ئۈچۈن خىتاي دائىرلىرى قوللاپ كېلىۋاتقان گىۋادار پورتىنى ئىشلەتكەن تەقدىردە، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە قوغدىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مەلۇم بىر خىتاي شىركىتى گىۋادار پورتىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى 2013-يىلى 40 يىللىق سېتىۋالدى.

بۇ دائىرىدە خىتاي بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا 46 مىليارد دوللارلىق ئېنېرگىيە ۋە ئاساسىي قۇرۇلۇشقا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىملەر ئىمزالاندى.

خىتاي 3000كىلومېتىرلىق يول بەرپا قىلىپ گىۋادار بىلەن قەشقەرنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلماقتا.

خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى دەپ ئاتىلىدىغان بۇ لايىھە دائىرىسىدە بىر لىنىيە ئۈستىگە تۆمۈر يوللار بىلەن گاز-نېفىت تۇرۇبا لىنىيەلىرىنىڭمۇ بەرپا قىلىنىشى پىلانلانماقتا.

گىۋادار پورتى ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرقنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان ئىستىراتېگىيەلىك يەرگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ پورت تولۇق ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن تەقدىردە، دېڭىز تىرانسىپورتى ساھەسىدە رايوندا رىقابەت تېخىمۇ كەسكىنلىشىدۇ.

گىۋادار پورتىنىڭ ھىندى ئوكياندا قاتناش جەھەتتىن قولايلىق يارىتىپ بېرىشىمۇ، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىستىراتېگىيەلىك قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ.

خىتاينىڭ ھەربىي نىشانلىرى ئىچىدە ھىندى ئوكياندا رەقىبسىز دېڭىز كۈچىگە ئىگە بولۇش بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر