چەت ئەل شىركەتلىرى داۋاملىق تۈركىيەگە مەبلەغ سالماقتا

چەت ئەل شىركەتلىرى ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىغا قارىماي داۋاملىق تۈركىيەگە مەبلەغ سالماقتا.

545838
چەت ئەل شىركەتلىرى داۋاملىق تۈركىيەگە مەبلەغ سالماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ يىلىغا 27 مىليون موتور ئىشلەپچىقىرىدىغان دۇنياغا داڭلىق ھوندا شىركىتى تۈركىيەگە بولغان ئىشەنچىنى مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق نامايەن قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.

تۈركىيە – ياپونىيە سودا كېڭەشلىرىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق مۇئاۋىن باش مىنىستىر مەھمەت شىمشەك بىلەن ئالاقە ئورنىتىۋاتقان شىركەتنىڭ تۈركىيە شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى ھىدېتو ياماساكى شارائىت ھازىرلانغان تەقدىردە، ھوندانىڭ تۈركىيەدە موتسىكلىت زاۋۇتى قۇرۇش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيەگە بولغان ئىشەنچلىرىنىڭ تولۇق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ياماساكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن كېيىنمۇ تۈركىيەدىكى كەلگۈسى پىلانلىرى ۋە سېلىنما ئىشلىرىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى قەيت قىلدى، شەرقىي ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ رايونلىرىنىڭ بولۇپمۇ جۇغراپىيەلىك ۋە ئىقتىسادىي ئەۋزەللىكلىرى تۈپەيلى مۇھىم بىر موتسىكلىت بازىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر