ئەنگلىيە كىرىزىسى خەلقئارا بازارلارنى تەۋرىتىۋەتتى

خەلقئارا بازارلار 2008 – يىلىدىكى كىرىزىستىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ تەۋرەشنى باشتىن كەچۈرمەكتە. ئەنگلىيە پوند ستېرلىڭى دوللار بىلەن بولغان نىسبىتىدە %10 قىممىتىنى يوقىتىپ، 1985 – يىلىدىن كېيىنكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى.

517581
ئەنگلىيە كىرىزىسى خەلقئارا بازارلارنى تەۋرىتىۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش قارارىنىڭ نەتىجىسىدە، لوندون پاي چېكى بازىرىدا ئالدىنقى رەتتە تۇرىدىغان 100 شىركەت 100 مىليارد پوند ستېرلىڭ زىيان تارتتى. ئەنگلىيە مەركىزىي بانكىسى زۆرۈر بولغاندا 250 مىليارد پوند ستېرلىڭنى بازارغا سالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خەلقئارالىق پۇل – مۇئامىلە شىركىتى «Standard and Poors»، ئەنگلىيەنىڭ «AAA » بولغان نومۇرىنىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقىنى بىلدۈردى. ياۋروپا پاي چېكى بازارلىرىمۇ %10 لىك چۈشۈش بىلەن ئېچىلدى. فرانكفۇرت پاي چېكى بازىرى %7.5 ، پارىژ پاي چېكى بازىرى %9 تۆۋەنلىدى. ياۋروپا پاي چېكى بازارلىرىدا جەمئىي 650 مىليارد ياۋرولۇق زىيان كۆرۈلدى.

ئەنگلىيە كىرىزىسى ئەڭ كۆپ بانكىلارغا تەسىر قىلدى. ياۋروپا بانكىلىرى پاي چېكى بازارلىرىدا %14.5 قىممىتىنى يوقاتتى.

ئاسىيا پاي چېكى بازارلىرىدىمۇ يېقىنقى يىللاردىكى شىددەتلىك چۈشۈش كۆرۈلدى. خوڭكوڭ پاي چېكى بازىرى %5 چۈشۈپ كەتتى. ياپونىيە يىنى دوللارغا بولغان نىسبەتتە 100 يىننىڭ ئاستىغا چۈشتى. ئاۋستىرالىيە دوللىرى، جەنۇبىي كورېيە ۋونى ۋە ئاسىيادىكى باشقا پۇل بىرلىكلىرىنىڭ قىممىتى ئارقا - ئارقىدىن چۈشۈشكە باشلىدى. ھىندىستان رۇپىسى بىلەن مالايشىيا رىنگىتى ئەڭ كۆپ قىممىتىنى يوقاتتى.

ئالتۇننىڭ باھاسى %6 ئۆرلىدى ۋە يېقىنقى ئىككى يىلدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقىپ، ئونس باھاسى 1300 دوللاردىن ئېشىپ كەتتى.  

نېفىت باھاسىمۇ تۆۋەنلەشكە باشلىدى. ئاسيا بازىرىدا %6 قىممىتىنى يوقاتقان ئامېرىكا تۈرىدىكى نېفىتنىڭ ۋارىل باھاسى 47 دوللارغا، شىمالىي دېڭىز نېفىتىنىڭ ۋارىل باھاسى 48 دوللارنىڭ ئاستىغا چۈشتى. ئامېرىكا پاي چېكى بازىرىمۇ %3 ئەتراپىدىكى چۈشۈش بىلەن ئېچىلىشقا تەييارلاندى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر