ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەدىكى سۈرىيەلىكلەرگە ياردەم بېرىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەدىكى كۆچمەنلەر ئۈچۈن ئىيۇل ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە 1 مىليارد ياۋرو ياردەم بېرىشنى پىلانلىماقتا.

489905
ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەدىكى سۈرىيەلىكلەرگە ياردەم بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەدىكى كۆچمەنلەرگە ياردەم بېرىش كومىتېتى بىريۇسسېلدا يىغىن چاقىردى.

يىغىندا تۈركىيەدىكى سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا بېرىلىدىغان ياردەمنىڭ يىغىلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش قارارى ئېلىندى.

يىغىندىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ كېڭىيىش ۋە قوشنىدارچىلىق سىياسەتلىرىگە مەسئۇل ئەزاسى جوھانېس ھان ۋەدىگە ئاساسەن بېرىلىدىغان 3 مىليارد ياۋرونىڭ تەخمىنەن 200 مىليون ياۋرونىڭ تۈركىيەگە تاپشۇرۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئىيۇل ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە 1 مىليارد ياۋرو يىغىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

ياۋروپا ئىتتىپاقى 2015 – يىلى 29 – نويابىر كۈنى چاقىرىلغان تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا، تۈركىيەدىكى سۈرىيەلىك كۆچمەنلەر ئۈچۈن 2017 – يىلغىچە تۈركىيەگە 3 مىليارد ياۋرو بېرىشنى ۋەدە قىلغانىدى.

18 – مارت كۈنى چاقىرىلغان يىغىندا بولسا، پىلان ئورۇنلانغان تەقدىردە، 2018 – يىلغىچە قوشۇمچە 3 مىليارد ياۋرو بېرىش قارار قىلىنغانىدى. بۇ پۇللارنىڭ تۈركىيەدىكى سۈرىيەلىك كۆچمەنلەرنىڭ سەھىيە، مائارىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى ۋە باشقا ئېھتىياجلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان لايىھەلەر ئۈچۈن سەرپ قىلىنىشى پىلانلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر