ئاقدېڭىزدا تەبىئىي گاز بۇرغۇلاش باشلاندى

جەنۇبىي قىبرىس (سىپرۇس) رۇم تەرەپ ھاكىمىيىتى شەرقىي ئاق دېڭىزدا تەبىئىي گاز بۇرغىلاشنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

141743
ئاقدېڭىزدا تەبىئىي گاز بۇرغۇلاش باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي قىبرىس (سىپرۇس) رۇم تەرەپ ھاكىمىيىتى شەرقىي ئاقدېڭىزدا تەبىئىي گاز بۇرغىلاشنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
باياناتتا، ئىتالىيە بىلەن كورېيەنىڭ شېرىكچىلىكىدە قۇرۇلغان "ENI-KOGAS" ھەسسىدارلىق شىركىتىگە تەۋە “Saipem 10.000” ناملىق بۇرغىلاش سۇپىسىنىڭ بۇرغىلاش سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.
قىبىرس ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى “Onasagora” دەپمۇ ئاتىلىدىغان 9 - ئالاھىدە رايوندا باشلانغان بۇرغىلاش، دېڭىز يۈزىدىن 5500 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ بۇرغىلاش تەخمىنەن 80 كۈن داۋاملىىشدۇ.
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى بولسا، رۇم تەرەپنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بۇرغىلاشنى باشلىغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈردى.
تەبىئىي گازدىن قولغا كېلىدىغان كىرىمنىڭ تەقسىماتى مەسىلىسىدە بەزى ئەندىشىلەر ساقلىنىپ كەلمەكتە.
رۇم تەرەپ بولسا، شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى تەبىئىي گاز مەنبەلىرىنى مۇزاكىرىلەر دائىرىسىدە مۇھىم كوزىر سۈپىتىدە سۈيئىستېمال قىلىپ كەلمەكتە.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر