ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر، رۇسىيەگە ئىقتىسادىي ۋە سودا جەھەتتىن ئېمبارگو يۈرگۈزۈش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى

115865
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزىدۇ.
ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر، رۇسىيەگە ئىقتىسادىي ۋە سودا جەھەتتىن ئېمبارگو يۈرگۈزۈش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.
دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر باش ئەلچى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا ئېلىنغان قارارغا كۆرە، رۇسىيە ئۇكرائىنادا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلمىغان ۋە بۇ دۆلەتتىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىپ كەتمىگەن تەقدىردە، كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگولار يۈرگۈزىلىدىكەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى تەرىپىدىن ھازىرلانغان قانۇن تەكلىپىدە، ئەزا دۆلەتلەردىن رۇسىيەنىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى نېفىت ۋە قورال - ياراغ شىركەتلىرىنىڭ ياۋروپا پۇل - مۇئامىلە بازارلىرىدىن قەرز ئېلىشىنىڭ مەنئىي قىلىنىشى تەلەپ قىلىنغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر