رۇسىيە يېمەك - ئىچمەك ئىمپورت قىلىشتا تۈركىيەگە يۈزلەندى

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن يېمەك - ئىچمەك ئىمپورت قىلىشنى توختاتقان رۇسىيە تۈركىيەگە يۈزلەندى

104865
رۇسىيە يېمەك - ئىچمەك ئىمپورت قىلىشتا تۈركىيەگە يۈزلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن يېمەك - ئىچمەك ئىمپورت قىلىشنى توختاتقان رۇسىيە تۈركىيەگە يۈزلەندى.
تۇنجى قېتىم 3 تۈرك شىركىتى، رۇسىيەگە سۈت ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىش ئۈچۈن ئىجازەت ئالدى.
ئەگە رايونىدىن رۇسىيەگە قىلىنىۋاتقان يىللىق 120 مىليون دوللارلىق ئېكسپورتنىڭ 2 ھەسسە ئاشۇرۇلۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.
رۇسىيە، ئۇكرائىنا كىرىزىسى تۈپەيلى ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن يېمەك - ئىچمەك ئىمپورت قىلىشنى توختاتقانىدى.
رۇسىيەنىڭ بۇ قارارى تۈركىيەدكى يېمەك - ئىچمەك ساھەسىنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى.
بۇلتۇر قاناتلىق گۆش ئېھتىياجىنى ئەگە رايونىدىن قامدىغان رۇسىيە، سۈت مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈنمۇ يەنە ئەگەنى تاللىدى.
رۇسىيەگە ئېكسپورت قىلىدىغان شىركەتلەر سانىنىڭ كۆپىشى مۆلچەرلەنمەكتە. تۇنجى تۈركۈمدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ سېنتەبىر ئېيىدا ئېكسپورت قىلىنىشى تەخمىن قىلىنماقتا.
بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ زەيتۇن ۋە زەيتۇن يېغى ساھەسىگىمۇ ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر