تۈركىيەنىڭ ئېكسپورت نىسبىتى ئاشتى

تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى بىلەن تاموژنا ۋە سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن ھازىرلانغان 2014 - يىلى ئاپرېل تاشقى سودا دوكلاتى ئېلان قىلىندى

77648
 تۈركىيەنىڭ ئېكسپورت نىسبىتى ئاشتى

ۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى بىلەن تاموژنا ۋە سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن ھازىرلانغان 2014 - يىلى ئاپرېل تاشقى سودا دوكلاتى ئېلان قىلىندى.
بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل ئاپرېلدا ئېكسپورت نىسبىتى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 7.9 ئېشىپ، 13 مىليارد 449 مىليون دوللارغا يەتكەن. ئىمپورت نىسبىتى بولسا % 9.5 تۆۋەنلەپ، 20 مىليارد 662 مىليون دوللارغا چۈشكەن.
بۇ مەزگىلدە يەنە، تاشقى سودا تەتۈر پەرقى % 30.3 ئازىيىپ، 10 مىليارد 356 مىليون دوللاردىن 7 مىليارد 214 مىليون دوللارغا چۈشكەن.
ئېكسپورتنىڭ ئىمپورتنى كۈتۈۋېلىش نىسبىتى 2013 - يىلى ئاپرېلدا % 54.6 بولۇپ، بۇ يىل ئاپرېلدا % 65.1 كە يۈكسەلگەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر