ئەلىيېۋ: دېھقانچىلىق باغچىسى لايىھەسى باشقا رايونلاردىكى دېھقانچىلىق باغچىلىرىنىڭ ئۈلگىسى بولىدۇ

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ  جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە ئىشقا كىرىشتۈرگەن زەنگىلاندىكى  دوستلۇق دېھقانچىلىق باغچىسىنىڭ باشقا رايونلاردىكى دېھقانچىلىق باغچىلىرىنىڭ ئۈلگىسى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1822292
ئەلىيېۋ: دېھقانچىلىق باغچىسى لايىھەسى باشقا رايونلاردىكى دېھقانچىلىق باغچىلىرىنىڭ ئۈلگىسى بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ  جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە ئىشقا كىرىشتۈرگەن زەنگىلاندىكى  دوستلۇق دېھقانچىلىق باغچىسى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يۇقۇرى پەن تېخنىكا دېھقانچىلىق ئىشلىرى لايىھەسىنىڭ باشقا رايونلاردىكى دېھقانچىلىق باغچىلىرىنىڭ ئۈلگىسى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەلىيېۋ، ۋاھىت ھاجىيېۋنى، ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىككىنچى قاراباغ ئۇرۇشىدا ئازاد قىلىنغان زەنگىلان ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى قىلىپ تەيىنلەش مۇراسىمىدا، ئەرمەنلەرنىڭ زەنگىلاننى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ، بىرمۇ ساغلام ئولتۇراق رايونى قويمىغانلىقىنى، ئازاد قىلىنغان باشقا رايونلارغا ئوخشاش، زەنگىلاننىمۇ قايتا قۇرۇپ چىقىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، زەنگىلاننىڭ كۆچمەنلەر يېقىن كەلگۈسىدە قايتىدىغان ۋىلايەت ئىكەنلىكىنى، بۇ يەردىكى ئاغالى يېزىسىنىڭ قايتا قۇرۇلغانلىقىنى، زەنگىلاندا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئۇل ئەسلىھە لايىھەلىرىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، جۈملىدىن، ئازاد قىلىنغان رايونلارغا ئالاقىدار مۇھىم پىلانلىرىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئازاد قىلىنغان رايونلاردىكى تۇنجى دېھقانچىلىق باغچىسىمۇ زەنگىلاندا قۇرۇلدى. ئۆتكەن يىلى، قېرىندىشىم، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە <دوستلۇق دېھقانچىلىق لايىھەسى> ناملىق دېھقانچىلىق باغچىسىنىڭ ئۇلىنى سالدۇق. يېقىندا ماڭا بۇ باغچىنىڭ پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلدى. ھەممە ئىشنىڭ پىلان بويىچە كېتىۋاتقانلىقىدىن تولىمۇ خۇشالمەن. دەرۋەقە، بۇ تۇنجى ۋە ئۈلگىلىك دېھقانچىلىق باغچىسى بولۇپ قالىدۇ. مېنىڭچە، زەنگىلاندا ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىقتىسادنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرىدىن بىرى دېھقانچىلىق بولۇشى كېرەك. بىز چوقۇم بارلىق ئازاد قىلىنغان رايونلاردا شەكىللىنىدىغان مەنزىرىنى  ئۈلگىلىك دوستانە دېھقانچىلىق مەيدانلىرىدا كۆرۈشىمىز كېرەك.»

ئىشغالىيەت دەۋرىدە ئەرمەنلەرنىڭ زەنگىلاند ۋە باشقا ۋىلايەتلەردىكى ئالتۇن كانلىرىنى ئىشلەتكەنلىكىنى، بۇ يەرلەردىن قولغا كەلتۈرۈلگەن ئالتۇنلارنىڭ چەت ئەللەردە سېتىلغانلىقىنى بايان قىلغان ئەلىيېۋ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «چەت ئەللىكلەر ۋە چەت ئەللىك ئەرمەنلەرنىڭ ئالتۇن زاپاسلىرىنى قانۇنسىز قېزىشى ئۇلارغا زور زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى بىلىمىز. بىز ئۇلارنى دۇنيا ئالدىدا ئاشكارىلايمىز، ئۇلار بىزگە تۆلەم تۆلەيدۇ. ئۇلار سالغان زىياننىڭ ئورنىنى چوقۇم تولدۇرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر