ئىشغالىيەت ئاستىدىكى 4 يېزا – كەنت ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىلدى

ئەرمېنىيەنىڭ گازاھ شەھىرىدە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى 4 يېزا – كەنت ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىلدى.

2143708
ئىشغالىيەت ئاستىدىكى 4 يېزا – كەنت ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا دۆلەت چېگراسىنى بېكىتىش كومىتېتى يىغىنلىرى دائىرىسىدە، 4 يېزا – كەنتنىڭ ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىلىش باسقۇچى تاماملاندى.

ئەزەربەيجان باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى:

«دۆلەت چېگراسىنى بېكىتىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە، ئۇزۇنلۇقى 12.7 كىلومېتىر كېلىدىغان چېگرا لىنىيەسى بېكىتىلىپ، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى 4 يېزا – كەنت  ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىلدى.

دۆلەت چېگراسىنى بېكىتىش كومىتېتىنىڭ 8 – نۆۋەتلىك يىغىنىدىن كېيىن، 4- ئاينىڭ 19- كۈنى كېلىشىم ئىمزالىنىپ يېزا–كەنتلەرنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىش خىزمەتلىرى باشلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر