تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى سۈرگىنى ۋە چەركەز سۈرگۈنىنى خاتىرلەپ بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى ۋە كاۋكازدىكى قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئازابىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2141491
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى سۈرگىنى ۋە چەركەز سۈرگۈنىنى خاتىرلەپ بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، قىرىم تاتار سۈرگۈنىنىڭ 80 - يىللىقىنى ۋە چەركەز سۈرگۈنىنىڭ 160 - يىللىقىنى خاتىرىلىدى.

باياناتتا، قىرىم تاتار تۈرك خەلقىنىڭ سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى تەرىپىدىن سۈرگۈن قىلىنغانلىقىغا 80 يىل بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ تارتىۋېلىنغان ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ تېخىچە قايتۇرۇلمىغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا: «چەركەز سۈرگۈنىمۇ تۈركىيە قايغۇ-ھەسرەت بىلەن خاتىرىلەۋاتقان يەنە بىر پاجىئە ھېسابلىنىدۇ. قىرىم تاتارلىرى ۋە كاۋكازدىكى قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئازابىنى ئورتاقلىشىمىز ۋە ئۇلارنى خاتىرىلەيمىز» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر