ئەزەربەيجان ھەربىي مەكتىپىنىڭ پىروگراممىسى تۈركىيەنىڭكى بىلەن ماسلاشتۇرۇلدى
ئەزەربەيجان ئالىي ھەربىي مەكتىپىنىڭ پىروگراممىسى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتۇلۇۋاتقان پىروگرامما بىلەن ماسلاشتۇرۇلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېشقەدەم گېنېرال زاكىر ھەسەنوۋ، مەرھۇم پىرېزىدېنت ھەردەر ئەلىيېۋنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان پايتەخت باكۇدىكى ئەزەربەيجان ئالىي ھەربىي مەكتىپىنى زىيارەت قىلىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى، ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، (ئەرمېنىيەنىڭ 30 يىللىق ئىشغالىيىتىگە قارشى 2020-يىلى 27-سېنتەبىردىن 9-نويابىرغىچە داۋاملاشقان) 2-قاراباغ ئۇرۇشىدا مىسلىسىز زەپەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىدە، قېرىنداش دۆلەت تۈركىيەنىڭ مەنىۋى ۋە سىياسىي جەھەتتىكى قوللىشىنىڭ موھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ، ئارمىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىسلاھات توغرىلىقمۇ توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەزەربەيجان ئالىي ھەربىي مەكتىپىنىڭ پىروگراممىسى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتۇلۇۋاتقان پىروگرامما بىلەن ماسلاشتۇرۇلدى، بۇ ئەزەربەيجان ئارمىيەسىدىكى كەسپىي ئوفىتسېرلارنى تەربىيىلەشتە تاشلانغان مۇھىم قەدەملەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىشغالىيەت ئاستىدىكى 4 يېزا – كەنت ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىلدى
ئەرمېنىيەنىڭ گازاھ شەھىرىدە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى 4 يېزا – كەنت ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىلدى.