ئەلىيېۋ ئەرمېنىيەنى تەنقىد قىلدى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ قاراباغدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىتابلىق قىلغان ئەرمېنىيەنى تەنقىد قىلدى.

1762130
ئەلىيېۋ ئەرمېنىيەنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلىيېۋ، ئەزەربەيجان تاراتقۇلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، يېقىندىن بۇيان ھۇجۇملىرى كۆپىيىپ كەتكەن ئېرىۋان ھۆكۈمىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەرمەنلەر <پۇرسەتلىرىمىز كۆپەيدى ياكى قەيەردىن بولمىسۇن قوللاشقا ئېرىشەلەيمىز> دەپ ئويلىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇلار شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەككى،  2-قاراباغ ئۇرۇشىدىكىگە ئوخشاش، كىم ئۇلارغا ياردەم قىلسا قىلسۇن، بىز نېمىنى خالىساق شۇنىڭغا ئېرىشىمىز، ھېچكىم بىزگە توسالغۇ  بولالمايدۇ.»

رايوندا نورماللىشىش تىرىشچانلىقلىرى توغرىلىقمۇ توختالغان ئەلىيېۋ، 3+3 فورماتسىيەسىدىكى تۇنجى ئۇچرىشىشنىڭ تونۇشۇش يىغىنىغا ئوخشاش ئۆتكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2 – قېتىملىق ئۇچرىشىشتىن ئېتىبارەن ئۇچۇر - ئالاقە يوللىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە .ئېلىپ بېرىلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى، ئېرىۋان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەمكارلىقتىن بەھرىمان بولۇش ئۈچۈن دەلىل – ئىسپاتسىز دەۋالاردىن ۋاز كېچىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھەمكارلىقتىن بارلىق دۆلەتلەرنىڭ بەھرىمەن بولىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، ئەرمېنىيە ئەزەربەيجان، تۈركىيە ۋە ئىسلامغا دۈشمەنلىك قىلىش پوزىتسىيەدىن ۋاز كېچىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ئەرمېنىيەمۇ بۇ ھەمكارلىقتىن بەھرىمەن بولالايدۇ.»

ئۇ، ژۇرنالىستلارنىڭ ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنىسك گۇرۇپپىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى  پائالىيىتى  توغرىسىدىكى سوئالىغا يۇمۇرلۇق جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە ئۇلار ھازىر بۇ قېتىم تەبرىكلەش پائالىيىتىگە تەييارلىق قىلماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر