يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە 48 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدە ئېلىپ بارغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە 48 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

2143396
يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە 48 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدە ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا پ ك ك كاتتىباشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 48 تېررورچىنىڭ يوقىتىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2024-يىلىنىڭ بېشىدىن بۇيان ئۇجۇقتۇرۇلغان تېرورچىلار سانى 1048 گە يەتكەن.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا يەنە: «تۈركىيە ئارمىيەسى تاپشۇرۇلغان بارلىق ۋەزىپىلەرنى ھازىرغا قەدەر قانداق ئىجرا قىلغان بولسا، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ غەلىبىلىك ھالدا ئورۇنداشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر