ئەردوغان: پەقەت مۇسۇلمانلىقىمىزلا ئەمەس،  ئىنسانلىقىمىزمۇ زور سىناققا دۇچ كەلمەكتە

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆزى رەئىسى بولغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى تەشكىلاتىغا سىن يىغىنى سىستېمىسى ئارقىلىق خىتاب قىلدى.

2153774
ئەردوغان:  پەقەت مۇسۇلمانلىقىمىزلا ئەمەس،  ئىنسانلىقىمىزمۇ زور سىناققا دۇچ كەلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان خىتابىدا، «قۇربان ھېيت» نىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنلىرىدا ئىنسانىيەت نامىدىن نومۇس قىلارلىق قەتلىئاملار يۈز بېرىۋاتقان پەيتتە تەبرىكلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە شېھىت قىلىنغان 38 مىڭ قېرىندىشىمىزنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرى مىللەت ۋە ئۈممەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەممىمىزنىڭ يۈرىكىمىزنى پارە-پارە قىلماقتا، پەقەت مۇسۇلمانلىقىمىزلا ئەمەس،  ئىنسانلىقىمىزمۇ زور سىناققا دۇچ كەلمەكتە. غەززەدىكى قەتلىئاملارغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەم قېرىنداشلىق ۋەزىپىمىزدۇر ھەم ئىنسانلىق بۇرچىمىزدۇر.»

«پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ قان تۆكۈشىدىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش، بىز ھەر كۈنى شاھىت بولۇۋاتقان قىرغىنچىلىقنى دەرھال توختىتىش مەجبۇرىيىتى باردۇر. سىياسىي ھاياتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن، ئۆز پۇقرالىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل رايوننى ئۇرۇش ئوتىغا ئىتتىرىۋاتقان  ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىگە <توختاپ تۇر> دېيىشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ھەردائىم تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز.»

ئەردوغان تۈركىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، رايوندا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئورنىتىش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلەرنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شۇنداقلا پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ  سانىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقلىرىنى  تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر