تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا

تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.

2153930
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە يېزا ئىگىلىك ۋە ئورمانچىلىق مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى ئورمانچىلىق باش ئىدارىسى دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكىگە ھەمنەپەس بولۇش ئۈچۈن، بۇ دۆلەتتە 100 مىڭ كۆچەت تىكىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، كۆچەتزارلىقتا يېتىشتۈرۈلگەن ياۋروپا قىزىل قارىغايى، قارا قارىغاي، ئاكاتسىيە قاتارلىق ھەر خىل تۈردىكى 100 مىڭ تۈپ كۆچەت ئەزەربەيجانغا ئەۋەتىلدى.

ئەۋەتىلگەن كۆچەتلەر قاراباغ ۋە پايتەخت باكۇدىكى تۇپراق بىلەن ئۇچرىشىپ، قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولىدۇ.

ئەزەربەيجان ئورمانلىقلىرىدىكى زىيانلىق «ئوت ھەرەسى» گە قارشى كۈرەشنى قوللاش ئۈچۈن، تۈركىيەدىن بۇ رايونغا 50 مىڭ پايدىلىق ھاشارات تۈرى ئەۋەتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر