ئەردوغان: پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىزنى باغرىمىزغا بېسىش مەسئۇلىيىتىمىز بار

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇدا 76 يىلدىن بۇيان ئۆز يۇرتىغا ۋە ۋەتىنىگە قايتىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن پەلەستىنلىكلەرنى باغرىغا بېسىش مەسئۇلىيىتەتلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

2143166
ئەردوغان: پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىزنى باغرىمىزغا بېسىش مەسئۇلىيىتىمىز بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈنۈگۈن كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن 7-نۆۋەتلىك خەلقئارا ياخشىلىق مۇكاپاتلىرىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەتلىئاملىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «(ئىسرائىلىيە قۇرۇلغان) 76 يىلدىن بۇيان ئۆز يۇرتىغا ۋە ۋەتىنىگە قايتىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىزنى باغرىمىزغا بېسىش مەسئۇلىيىتىمىز بار، بىز پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىزنى يوققا چىقىرىۋېتەلمەيمىز، نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتەلمەيمىز.»

«غەرب ئەللىرى سەركەشلىكى ۋە بىپەرۋالىقىغا قارىماي ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنى قوللاشنى توختاتمىغان تەقدىردە، پەلەستىندە داۋاملىشىۋاتقان  قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ئېلىش مۇمكىن ئەمەس.»

«ئىسرائىلىيەلىكلەر قامال سەۋەبىدىن ئاللىقاچان دالا دوختۇرخانىسىغا ئايلىنىپ كەتكەن غەززە رايونىنى يېقىنقى 229 كۈندە ناھايىتى چوڭ بالىلار قەبرىستانلىقىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. ھېچكىم بىزنىڭ ئەقىل – پاراسەتىمىزنى كەمسىتمەسلىكى كېرەك. غەززەدە تۆكۈلۈۋاتقان قەتلىئاملاردىن ئىشغالىيەتچىلەر قانداق جاۋابكار بولسا شۇ ئىشغالىيەتچىلەرنى ئەشيا ئوبوروتى ۋە ھەربىي ياردەملەر بىلەن تەمىنلىگىچىلەرمۇ شۇنداق جاۋابكاردۇر.»

ئەردوغان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى:

 «شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، ئەگەر سىيونىستلار كېڭەيمىچىلىكى (مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى) نى  مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرسا، دۇنيامىز يېڭى توقۇنۇشلارغا سەھنە بولىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر