تۈركىيە «دېڭىز شىرى 2024 ئىزدەش-قۇتقۇزۇش مانېۋىرى» نى باشلىدى

تۈركىيەنىڭ «دېڭىز شىرى 2024 ئىزدەش-قۇتقۇزۇش مانېۋىرى» نىڭ ئەمەلىي قىسمى، ئەگە دېڭىزىدىكى خەلقئارالىق دېڭىز تەۋەلىكىدە باشلاندى.

2142779
تۈركىيە «دېڭىز شىرى 2024 ئىزدەش-قۇتقۇزۇش مانېۋىرى» نى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دېڭىز قىرغاقلىرى مۇھاپىزەت ئەترىتى قوماندانلىق ئىشتابى ۋە باشقۇرۇشىدىكى مانېۋىردا ئوخشىمىغان ئىككى خىل سېنارىيە مەشق قىلىنىدۇ.

مانېۋىرنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا، چۆكۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان  بىر سودا پاراخوتىغا قارىتا ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ.  ئاندىن يەنە سېنارىيەگە ئاساسەن، ئوت كەتكەن بىر يولۇچى پاراخوتىدا ئوت ئۆچۈرۈش مەشقى ئېلىپ بېرىلىدۇ.

دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ 2 يىنىك تىپلىق ئۇرۇش پاراخوتى، 3 كېمە، 2 ئايروپىلان ۋە 2 تىك ئۇچار بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مانېۋىرغا، ھاۋا ئارمىيەسى، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ۋە دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش تىك ئۇچارلىرىمۇ قاتنىشىدۇ.

مانېۋىرنى دېڭىز قىرغاقلىرى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ ئىشتاب باشلىقى ئادمىرال ئەھمەت كېندىر بىلەن 15 دۆلەتتىن كەلگەن 28  چە تئەللىكنى قوشقاندا، جەمئىي 39 كۆزەتكۈچى نازارەت قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر