پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى تەسلىم بولدى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پاناھ جايلىرىدىن قاچقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.
2139489
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى:
«قەھرىمان قىسىملىرىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەربىي ھەرىكىتى نەتىجىسىدە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پاناھ جايلىرىدىن قاچقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى تۈركىيەنىڭ ئادالىتىگە تەسلىم بولدى.»