ئىراقنىڭ شىمالىدا ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەتىنا رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىندى.
2138342
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:
«<تېررورچىلارنى ئىزدەپ يوقىتىش ئىستىراتېگىيەسى> گە ئاساسەن، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەتىنا رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىندى. قەھرىمان قىسىملىرىمىز رايوندا ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغانغا قەدەر زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملاشتۇرىدۇ.»