ئەردوغان: بىز ئەتراپى ئوت چەمبىرىكى بىلەن قورشالغان ئىنتايىن مۇرەككەپ رايوندا تۇرۇۋاتىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «بىز ئەتراپى ئوت چەمبىرىكى بىلەن قورشالغان ئىنتايىن مۇرەككەپ رايوندا تۇرۇۋاتىمىز. موسكۋادىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى بىزگە ۋەزىيەتنىڭ ھازىرمۇ قانچىلىك ھالقىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى» دېدى.

2122477
ئەردوغان: بىز ئەتراپى ئوت چەمبىرىكى بىلەن قورشالغان ئىنتايىن مۇرەككەپ رايوندا تۇرۇۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئىستانبۇلدىكى بىر پائالىيەتتە سۆز قىلىپ: «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ئەتراپى ئوت چەمبىرىكى بىلەن قورشالغان ئىنتايىن مۇرەككەپ رايوندىمىز. قارا دېڭىزنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئۇرۇش ئىككى يىلنى تاماملاپ، ئۈچىنچى يىلىغا قەدەم قويدى. قوشنىمىز سۈرىيە 13 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان مۇقىملىق، تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىككە ئېرىشەلمىدى. غەززەدىكى بىگۇناھ پۇقرالارغا قارىتىلغان قىرغىنچىلىقنى ھەممىمىز قان يىغلىغان ھالدا كۆزىتىۋاتىمىز. موسكۋادا يۈز بەرگەن رەھىمسىز تېررورلۇق تەشكىلاتى بىزگە ۋەزىيەتنىڭ يەنىلا قانچىلىك ھالقىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. بىز ۋەزىيەتنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تىنچلانمايدىغانلىقىنى، دۇنيامىزنىڭ ناھايىتى قىيىن كۈنلەرگە ھامىلىدار ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە «ياشلىق ئىشتىياقى بىلەن قايتىدىن ئىستانبۇل» ناملىق پىروگراممىدا قىلغان سۆزىدىمۇ، ئۆزىنىڭ ياشلارغا «تۈركىيە ئەسىرى» تەسەۋۋۇرىنى ھەدىيە قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز ئۆزىمىزنى سىلەرنىڭ ۋاقتىڭلارنىڭ مېھمىنى دەپ قارايدىغانلىقىمىزنى پۇرسەتلا تاپساق، تەكىتلەپ تەكرارلاۋاتىمىز. مەن ياشلارنى بەكلا ياخشى كۆرىمەن، مەن ھېلىھەم ياشمەن، ياشلارغا بولغان بۇ قىزىقىشىم، ياشلار بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدىكى مېھرى-مۇھەببەت بىزنى كۈچلۈك قىلىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر