ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

2153302
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان  باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى:

«تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىمىز قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملاشماقتا. قەھرىمان قىسىملىرىمىز ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھاقۇرق ۋە ‹پەنجە – قۇلۇپ› ھەربىي ھەرىكەتلىرى رايونلىرىدا 8، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى  ‹فىرات قالقىنى› ۋە ‹تىنچلىق بۇلىقى› ھەربىي ھەرىكەتلىرى رايونلىرىدا 9 بولۇپ، جەمئىي بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 17 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر