خاقان فىدان شىۋيېتسارىيەدە ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرۇلۇق مۇھىم سۆز قىلدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان پاجىئەلەرنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى ۋە جۇغراپىيەلىك تارقىلىش خەۋىپى بارلىقىنى ئېيتتى.

2153390
خاقان فىدان شىۋيېتسارىيەدە ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرۇلۇق مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان تۈنۈگۈن شىۋيېتسارىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا نىدۋالدېننىڭ كانتونىغا قاراشلىق بۇرگېنستوك يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇكرائىنانىڭ تىنچلىقى باشلىقلار يىغىنى» دا نۇتۇق سۆزلىدى.

خاقان فىدان ياۋروپانىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان بىر دەھشەتلىك ئۇرۇشنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، قازا قىلغان ۋە يارىلانغانلار سانىنىڭ 500 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى  شۇنداقلا ئۇرۇشنىڭ ئۇپرىتىش ئۇرۇشىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

خاقان فىدان توقۇنۇشنىڭ كاشىلا لىنىيىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيا مىقياسىدا قۇتۇپلىشىشنى كۈچەيتكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ پات يېقىندا ئۇرۇشتىنمۇ ھالقىپ كەتكەن مەسىلىگە ئايلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى.  

خاقان فىدان: «بۈگۈنكى كونفېرانس كۆۋرۈكتىن بۇرۇنقى ئاخىرىقى چىقىش ئېغىزى بولۇشى مۇمكىن» دېدى.

تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىدە ئادىل ۋە مەڭگۈلۈك ھەل قىلىش چارىسى ئۈچۈن خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلارنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن خاقان فىدان، تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋە سۆھبەت ئارقىلىق ئۇرۇشنى بالدۇرراق ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تۈركىيەنىڭ ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارغا ئاكتىپ قاتنىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «2022-يىلى مارتتىكى ئىستانبۇل مۇزاكىرىلىرى، قارا دېڭىز ئاشلىق تەشەببۇسى،  دىپلوماتىيە ۋە مۇزاكىرىلەرنىڭ ئىلگىرىلىيەلەيدىغانلىقىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم كۆرسەتكۈچى بولدى. تۈركىيە ھەر دائىمقىغا ئوخشاش بۇ مۇساپىنى ئاسانلاشتۇرۇشقا تەييار» دېدى.

خاقان فىدان قارا دېڭىز ئاشلىق تەشەببۇسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋە ئۆزگىچە قىلغان نەرسىنىڭ سىغدۇرۇشچان خاراكتېرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ تەشەببۇسنىڭ ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ئالدىن كۆرۈشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى ۋە دېڭىز سودىسى ئۈچۈن يول بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۈركىيەنىڭ تىنچلىق ئۈچۈن تىرىشىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن خاقان فىدان يەنە مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقىنى قەتئىيلىك بىلەن قوللايدۇ. تىنچلىق تەسەۋۋۇرىمىز ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەتراپلىق ۋە ئەمەلىي ئىجرا قىلىنارلىقى يۇقىرىدۇر. بىز بۇ مەقسەت ئۈچۈن كەلگۈسى ئۈچۈن يول خەرىتىسى تەييارلاشتا قەتئي ئىرادىگە ئىگىمىز. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانمۇ ئېيتقاندەك، <ئادىل بىر تىنچلىقنىڭ مەغلۇپ تەرىپى بولمايدۇ>».

يەنە بىر تەرەپتىن ، مىنىستىر فىدان باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ئىراقنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فۇئاد ھۈسەيىن بىلەنمۇ كۆرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر