فىدان ۋاشىنگتوندا ئانتوني بلىنكېن بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان غەززە ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن ناچار ئىكەنلىكىنى، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2113112
فىدان ۋاشىنگتوندا ئانتوني بلىنكېن بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادا ئېچىلغان ئىستراتېگىيىلىك مېخانىزم يىغىنى دائىرىسىدە، ئامېرىكالىق مەنسەپدىشى ئانتونىي بلىنكېن بىلەن كۆرۈشكەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قىرغىنچىلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار رايون خاراكتېرلىك مۇھىم ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىرلا ۋاقىتتا يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «غەززەدىكى ئېغىر ۋەزىيەت بىزدىن بۇ مەسىلىنى جىددىي ھەل قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى توختىتالمىدى. غەززەدىكى كىشىلەر جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە موھتاج بولماقتا» دېدى.

مىنىستىر فىدان يەنە، ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئەستايىدىل ھەمكارلىشىپ، غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشقا ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى ئۈزلۈكسىز يەتكۈزۈزپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مىنىستىر فىدان پايتەخت ۋاشىنگىتوندىكى ئۇچرىشىشلىرى توغرىسىدا مۇخبىرلارغا بايانات بەردى؛ ئۇ ئىككى دۆلەت (ئامېرىكا-تۈركىيە)نىڭ نۇرغۇن ساھەدىكى ھەمكارلىقىنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ تەلەپلىرىنى ئامېرىكا تەرەپكە يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر