خاقان فىدان ميۇنخېندا ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان 60 - نۆۋەتلىك ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنى دائىرىسىدە رەھبەرلەر بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

2103791
خاقان فىدان ميۇنخېندا ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خاقان فىدان گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئىزلاندىيە ۋە ئىتالىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئايرىم ئايرىم كۆرۈشتى.

مىنىستىر خاقان فىدان ئىزلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بجارنى بېنېدىكتسون بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كېڭىيىش مۇساپىسى شۇنداقلا ئۇكرائىنادىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە غەززەنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى.

خاقان فىدان ئىتالىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىيو تاجانى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، تۈركىيە - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنى تەپسىلىي مۇزاكىرىلەشتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەزالىق مۇزاكىرىلىنىڭ ئالدىدىكى سىياسىي توسالغۇلارنى تۈگىتىشكە دائىر ئۈمىت كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىنگەن ئۇچرىشىشتا، تۈركىيەنىڭ باشقا نامزات دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا پەرقلىق مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى قايتا تەكىتلەندى.

ئۇچرىشىشتا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ غەززەدىكى قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك باياناتلاردا بولۇشى ۋە كونكرېت قەدەملەرنى تاشلىشى كېرەكلىكىمۇ تەكىتلەندى.

لىۋىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان ئۇچرىشىشتا يەنە، لىۋىيەدە مەڭگۈلۈك ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە كۆرسىتىشكە تېگىشلىك تىرىشچانلىقلار مۇزاكىرە قىلىندى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى (ICC) باش مۇپەتتىشى كەرىم ئەھمەد خان بىلەنمۇ كۆرۈشتى.

دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، باش تەپتىش كەرىم ئەھمەد خان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە داۋاملاشتۇرىۋاتقان قىلمىشلىرى ھەققىدە خاقان فىدانغا مەلۇمات بەرگەن.

كەرىم ئەھمەد خان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بارلىق چاقىرىقلىرىغا قارىماستىن، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئىشلىتىۋاتقان ئۇسۇللىرىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى، شۇڭا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

خاقان فىدانمۇ باش مۇپەتتىش كەرىم ئەھمەد خانغا قانۇنىي تەرتىپنىڭ ۋاقىت ئېلىشى مۇمكىنلىكىنى چۈشىنىدىغانلىقىنى، ئەمما غەززەنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى، مەسىلە ئارقىغا يېنىش مۇمكىنلىكى بولمىغان بىر نۇقتىغا كېلىپ بولغاندىن كېيىن، پەلەستىن خەلقىگە پايدىلىق بىرەر قارار چىقىرىشنىڭ ھەرگىزمۇ ۋەيرانچىلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خاقان فىدان يەنە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالىنا باربوك بىلەنمۇ كۆرۈشتى.

خاقان فىدان مەنسەپدىشىغا غەززەدە داۋاملىشىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى دەرھال توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇچرىشىشتا، غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىش كېرەكلىكى ھەققىدە ئىككى تەرەپ پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى ھەمدە ئىككى تەرەپلىك ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.

خاقان فىدان يەنە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى ئاندرېي يېرماك بىلەنمۇ كۆرۈشتى. ئۇچرىشىش دائىرىسىدە، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتى ئەزالىرىدىن مۇئاۋىن پارلامېنت باشلىقى ئايدان ئۆزئوغۇز، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى گۇرۇپپىسىنىڭ تاشقى سىياسەت باياناتچىسى نىلس ھىچمىد بىلەنمۇ كۆرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر