فىدان مىيۇنخېندا مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان 60-نۆۋەتلىك مىيۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بارغان گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدە ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

2103564
فىدان مىيۇنخېندا مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «مىنىستىرىمىز خاقان فىدان مىيۇنخېندا ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى» دېدى.

فىدان يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل ۋە مولداۋىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىخائى پوپشوئى بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەتلەشتى.

دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، بوررېل بىلەن كۆرۈشۈپ، تۈركىيە-ياۋروپا مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا سۆزلەشكەن فىدان، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باشقا كاندىدات دۆلەتلەرگە بىر خىل، تۈركىيەگە باشقا بىر خىل مۇئامىلە قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.

غەززە مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان سۆھببەت جەريانىدا، ئىچىدىكى پىكىر ئوخشىماسلىقلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پەلەستىنلىكلەرنى قوللىشىغا ئېغىر توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقى، ئىتتىپاقنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى كەسكىن پوزىتسىيە بىلدۈرەلمىگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

سۈرىيە مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان سۆھبەت ئەسناسىدا، ھەر ئىككى تەرەپ سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىي مۇساپىگە قاتنىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

دىپلوماتىك مەنبەلەر يەنە، مىنىستىر فىداننىڭ مولداۋىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پوپشوئى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت، ئېنېرگىيە، مائارىپ ۋە مۇداپىئە سانائىتى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق مەسىلىلىرى شۇنداقلا كەلگۈسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك زىيارەتلەر بىلەن تۈركىيەنىڭ گاگاۋۇزغا قىلغان ياردەملىرى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر