خاقان فىدان رىيادتا بىر قاتار دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان پەلەستىن باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد مۇستافا بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2133027
خاقان فىدان رىيادتا بىر قاتار دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگەللەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، غەززە يىغىنلىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىيادقا يېتىپ بارغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، پەلەستىن باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد مۇستافا بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

كۆرۈشۈشتە، غەززە ۋە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، پەلەستىن دۆلىتىنى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشغا ئېرىشتۈرۈش تىرىشچانلىقلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان.

خاقان فىدان رىيادتا بۇنىڭدىن باشقا، ئىيوردانىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئەيمەن ئەسسافەدى بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشۈپ، غەززەدىكى قەتلىئاملارنىڭ توختىتىلىشى ئۈچۈن ئىسىرائىلىيەگە قارىتىلغان بېسىملارنى كۈچەيتىدىغان ۋە تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش تىرىشچانلىقلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.

ئۇ نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېسپېن بارس ئېيدې بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ، ناتو رامكىسىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق مەسىلىلىرىنى ۋە ئىسىرائىلىيەگە قارىتىلغان بېسىملارنى كۈچەيتىش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر