ئىراقنىڭ شىمالىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى
بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھەربىي ھەرىكەت رايونىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تۈركىيە ئەسكەرلىرىگە ئوق چىقىرىپ، بىر ئەسكەرنىڭ شېھىت بولۇشى، ئىككى ئەسكەرنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تېررورچىلار ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھەربىي ھەرىكەت رايونىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرگە ئوق چىقىرىپ، پىيادە قىسىملار كەسپىي سېرژانتى قادىر دىڭگىلنى شېھىت قىلغانلىقىنى، ھۇجۇمدا يەنە ئىككى ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
يارىلانغان ئەسكەرلەرنىڭ دەرھال دوختۇرخانىدا بالنىستقا ئېلىنغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «بىزنى چوڭقۇر ئازاب ۋە قايغۇغا سالغان بۇ ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان سۆيۈملۈك شېھىتىمىزگە ئاللاھتىن رەھىم-شەپقەت تىلەيمىز. ئۇنىڭ مۇسىبەتلىك ئائىلىسىگە، تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە ئالىيجاناب خەلقىمىزگە تەزىيە بىلدۈرىمىز ۋە سەۋر تىلەيمىز. شۇنداقلا يارىدارلىرىمىزنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان سېنېگالنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ماكى سال بىلەن كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سېنېگالنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ماكى سال بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.