تۈركىيە ئەزەربەيجانغا 250 مىليون لىرا ئىئانە قىلىدۇ

تۈركىيە ئەزەربەيجانغا 250 مىليون تۈركىيە لىراسى ئىئانە قىلىدۇ...

2087831
تۈركىيە ئەزەربەيجانغا 250 مىليون لىرا ئىئانە قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 25-دېكابىر پايتەخت ئەنقەرەدە ئىمزالانغان «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ئىئانە قىلىش كېلىشىمى»نىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى توغرىسىدىكى قارارنامە رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى.

بۇنىڭغا ئاساسەن، تۈركىيە ئەزەربەيجانغا ئورمانچىلىق تەربىيىلەش مەركىزى ۋە بالىلار باغچىسى قۇرۇش ئۈچۈن 250 مىليون تۈركىيە لىراسى ئىئانە قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر