شىمالىي ئىراقتا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى
تېررورچىلارنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا سىڭىپ كىرىپ پاراكەندىچلىك سېلىش ئۇرۇنۇشلىرى نەتىجىسىدە، تۈركىيە ئارمىيەسى پىيادە قىىسىملار كەسپىي سېرژانتى سەمەت ئاسلان شېھىت بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: «2024-يىلى 11-يانۋار، تېررورچىلارنىڭ <پەنچە-قۇلۇپ> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا سىڭىپ كىرىپ پاراكەندىچلىك سېلىش ئۇرۇنۇشلىرى نەتىجىسىدە، پىيادە قىسىملار كەسپىي سېرژانتى سەمەت ئاسلان شېھىت بولدى، بىر قەھرىمان سەپدىشىمىز يارىلاندى. يارىلانغان سەپدىشىمىز دەرھال دوختۇرخانىغا يۆتكىلىپ، بالنىستقا ئېلىندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
باياناتتا: «بىزنى چوڭقۇر ئازاب ۋە قايغۇغا سالغان بۇ ۋەقەدە جېنىدىن ئايرىلغان سۆيۈملۈك شېھىتىمىزغا ئاللاھتىن رەھىم-شەپقەت تىلەيمىز. ئۇنىڭ مۇسىبەتلىك ئائىلىسى، تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە ئالىيجاناب خەلقىمىزگە تەزىيە بىلدۈرىمىز ۋە سەۋر تىلەيمىز. يارىلانغان ئەسكىرىمىزنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان سېنېگالنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ماكى سال بىلەن كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سېنېگالنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ماكى سال بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.