فىدان بىلەن بلىنكېن تۈركىيە-ئامېرىكا، رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېنغا تۈركىيەنىڭ F-16 سېتىۋېلىش مۇساپىسىنىڭ نەتىجىلىنىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

2085207
فىدان بىلەن بلىنكېن تۈركىيە-ئامېرىكا، رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ مىنىستىر خاقان فىدان بىلەن مىنىستىر ئانتونىي بلىنكېننىڭ ئىستانبۇلدىكى ۋاھدەتتىن سارىيىدا ئۆتكۈزگەن تۈنۈگۈنكى ئۇچرىشىشى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، سۆھبەت جەريانىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، مىنىستىر فىدان سۆھبەتدىشىغا تۈركىيەنىڭ F-16 سېتىۋېلىش مۇساپىسىنىڭ تاماملىنىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ۋە شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا ئەزا بولۇش مۇساپىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئاخىرقى قارارنى تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسىنىڭ چىقىرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن.

ئىككى مىنىستىر يەنە غەززەدە يۈز بېرىۋاتقان تىراگېدىيە توغرىسىدىمۇ سۆزلەشكەن؛ مىنىستىر فىدان ئىسرائىلىيەنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ پۈتكۈل رايونغا تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دەرھال ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىپ، غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈشپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن ھەمدە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ھەققىدىكى سۆھبەتلەرنىڭ كېچىكتۈرۈلمەستىن باشلىنىشىنى تەلەپ قىلغان.

فىدان يەنە، تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىزدا جىددىيچىلىك يۈز بېرىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنادا ئىشلەپچىقىرىلغان يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۇنيا بازىرىغا بىخەتەر يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش تىرىشچانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.

سۆھبەت جەريانىدا، ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەر، سۈرىيە، ئىراق قاتارلىق رايونلۇق مەسىلىلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر