ئىستىخبارات ئىدارىسى شىمالىي ئىراقتا تېررورچى ئاقماننى ئۇجۇقتۇردى
تۈركىيە تېررورلۇقنى مەنبەسىدە تۇرغۇزۇپ يوقىتىش ئىستراتېگىيەسىنى بويلاپ زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
2080942
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى (MIT) پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاتالمىش ئىراق سۇلايمانىييە شىمالىي رايون مەسئۇلى مەھمەت سەفا ئاقماننىڭ تۈركىيەدە قوراللىق ۋەقە پەيدا قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ نۆۋەتتە تۇرۇۋاتقان ئورنىغا دائىر ئۇچۇرلارنى تەشكىلات ئىچىدىكى جاسۇسلىرى ئارقىلىق دەلىللىدى.