ئىراقنىڭ شىمالىدا 12 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا ۋە ھاقۇرۇق رايونلىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 12 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
2140043
![ئىراقنىڭ شىمالىدا 12 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/59db/e62f/a8c9/6644766347594.jpg?time=1722042984)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:
«مۆلچەرلىگۈسىز، مىسلىسىز، چاقماق تېزلىكىدە ئىزچىل ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە قەھرىمان قىسىملىرىمىز ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا ۋە ھاقۇرۇق رايونلىرىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 12 تېررورچىنى ھاۋا ھۇجۇمى نەتىجىسىدە بىر تەرەپ قىلدى. تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىمىز رايوندا ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى يوقىتىلغانغا قەدەر قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملىشىدۇ.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئىستانبۇل-ترابلۇس ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇش ۋاقتى قىسقارتىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/a855/5519/9bde/638da0d999ce9.jpg?time=1722042984)
ئىستانبۇل-ترابلۇس ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇش ۋاقتى قىسقارتىلدى
ئىستانبۇل-ترابلۇس ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇش ۋاقتى بىر سائەت قىسقارتىلدى.