مىنىستىر فىدان بلىنكېن بىلەن تېلېفونلاشتى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن تېلېفونلاشتى.
2140104
![مىنىستىر فىدان بلىنكېن بىلەن تېلېفونلاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/5072/442c/beaa/6644baaf7e45e.jpg?time=1722046828)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، مىنىستىر خاقان فىدان بىلەن مىنىستىر ئانتونىي بلىنكېن تېلېفونلىشىپ، غەززە ۋە ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشكەن.
مىنىستىر فىدان تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، غەززەدە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن ۋە رايونغا ياردەم يەتكۈزۈپ بېرىش يولىدىكى توسالغۇلارنىڭ ئېلىپ تاشلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇ يەنە ئىسرائىلىيەنىڭ رەفاھقا قاراتقان ھۇجۇمىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئىستانبۇل-ترابلۇس ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇش ۋاقتى قىسقارتىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/a855/5519/9bde/638da0d999ce9.jpg?time=1722046829)
ئىستانبۇل-ترابلۇس ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇش ۋاقتى قىسقارتىلدى
ئىستانبۇل-ترابلۇس ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇش ۋاقتى بىر سائەت قىسقارتىلدى.