خاقان فىدان كۋەيت تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان كۇۋەيت تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالىم ئابدۇللاھ ئەل جابىر ئەل ساباھ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2077599
خاقان فىدان كۋەيت تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، خاقان فىدان كۇۋەيتلىك مەنسەپدېشى ساباھ بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشكەن.

خاقان فىدان كۇۋەيت ئەمىرى شەيخ ناۋاف ئەل ئەھمەد ئەل-جابىر ئەل ساباھنىڭ ۋاپاتىدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەنسەپدېشى ساباھ ئارقىلىق كۇۋەيت خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرگەن.

مىنىستىر خاقان فىدان كۇۋەيتتىكى مەنسەپدېشى ئارقىلىق سابىق ئەمىرنىڭ ئورنىغا شەيخ مىشال ئەھمەد ئەل جابىر ئەل ساباھنىڭ ئەمىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىغا ئۇتۇقلۇق تىلىگەن.

سۆھبەتتە، خاقان فىدان تۈركىيە - كۇۋەيت ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھەر ساھەدە تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر