تۈركىيە ئىسرائىلىيەنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ «‹جېنىن› مۇساپىرلار لاگېرى» دىكى ئىغۋاگەرچىلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

2076868
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئونجۈ كەچەلى، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى:

« ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ‹جېنىن› مۇساپىرلار لاگېرىغا بېسىپ كىرىپ، بۇ يەردىكى مۇقەددەس جاي بولغان بىر جامەنى دەپسەندە قىلىشتەك ئىغۋاگەرچىلىكلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز.»

كەچەلى كۆچمەن يەھۇدىيلارنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ۋە ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ پەلەستىنلىكلەرنى نىشان قىلىۋاتقان ئېغىر بېسىم ھەم ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن جىددىيچىلىكنىڭ يېقىندىن بۇيان ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«شەرقىي قۇددۇس ۋە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس جايلىرىنى دەپسەندە قىلىشتەك ھۇجۇملارغا دەرھال خاتىمە بېرىلىشى، بۇ ئىغۋاگەرچىلىكلەرنى قىلىۋاتقانلارنىڭ ئەڭ قاتتىق جازاغا تارتىلىشىنى كۈتۈۋاتىمىز.»

باياناتچى كەچەلى بۇ رايوننىڭ تېخىمۇ زوراۋانلىققا ئەمەس، ئەكسىچە تېخىمۇ كۆپ تىنچلىققا موھتاج ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى جېنىن  شەھىرىگە بېسىپ كىرىپ، بۇ يەردىكى بىر جامەنى  ئىشغال قىلغان، ئەسكەرلەردىن بىرى مېھرابنىڭ ئالدىدىكى مىكروفوننى ئېلىپ، يەھۇدىيلارنىڭ دۇئاسىنى ئوقۇغانىدى.

كۆرۈنۈشلەردە، يەھۇدىيلارنىڭ دۇئاسىنىڭ جامەنىڭ ياڭراتقۇلىرىدىن ئاڭلانغانلىقى، دەل شۇ چاغدا بىر قىسىم ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ كۈلگەنلىكى كۆرۈلگەنىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بۇ كۆرۈنۈشلەر توغرىسىدا ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر