فىدان: غەززەدىكى پاجىئەدىنمۇ ئېغىر بولۇۋاتقىنى غەربتىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ سۈكۈتىدۇر

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان غەربنىڭ غەززەدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ جىمجىت شېرىكى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

2076730
فىدان: غەززەدىكى پاجىئەدىنمۇ ئېغىر بولۇۋاتقىنى غەربتىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ سۈكۈتىدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خاقان فىدان ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

«بۈگۈن قىممەتلىك خىزمەتدىشىم بىلەن رايونىمىزدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق» دېگەن فىدان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئالدى بىلەن بىز جەنۇبىي كاۋكاز رايونىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرە قىلدۇق. سېنتەبىردىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئەزەربەيجان قاراباغدىكى ھۆكۈمرانلىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى تولۇق تىكلىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز بۇلارنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلەيمىز» دېدى.

تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ھۆكۈمران بولغان جەنۇبىي كاۋكاز رايونىنىڭ بارلىق كۈچلىرى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن فىدان: «شۇڭا بارلىق تەرەپلەر تىنچلىق ۋە مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش مۇھىتى يارىتىشقا تىرىشىشى كېرەك. ئەپسۇسكى، غەربتە تەشكىللەنگەن ئەرمېنىيە دىياسپوراسى ئەرمېنىيە خەلقىنىڭ قىيىن شارائىتىنى سۇيىئىستېمال قىلماقتا، بىر قىسىم دۆلەتلەرنى ئەزەربەيجانغا قارشى قۇترىتىشقا ئۇرۇنماقتا. ئۇلارنىڭ بۇنداق ئىشلارنى قويۇپ، ئەرمېنىيە خەلقىنىڭ قوشنىلىرى بىلەن نورمال مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا پايدىلىق مۇھىت يارىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىشى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ» دېدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ مۇھاسىرىسى ئاستىدىكى غەززەدە تىراگېدىيەنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان فىدان، بايراموۋنى تۈركىيەنىڭ خەلقئارادا ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرىدىن ۋاقىپلاندۇرغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بىرلەشمە باشلىقلار يىغىنىدا، ئۇرۇشنى توختىتىپ، مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن، خەلقئارا سەۋىيەدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش قارار قىلىنغانىدى. بىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، يېقىندا ئامېرىكا ۋە كانادادا زىيارەتتە بولدۇق. ئەتە ئوسلودا نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە، فىنلاندىيە، دانىيە، ئىسلاندىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە ۋە لىيۇكسېمبۇرگ قاتارلىق ئورگانلار بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىمىز. ئۇ يەردە پەلەستىننىڭ ھەققانىي دەۋاسىنى قوللاش ئىرادىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمىز» دېدى.

نۆۋەتتە غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش بىلەن قىرغىنچىلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەقەت ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭلا تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن فىدان: «بىزنىڭ ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇچۇرى ئېنىق. پەلەستىنلىكلەر قىلىنىۋاتقان زۇلۇمنىڭ ئاخىرلىشىشى، دەرھال ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنىپ، تىنچلىق مۇساپىسى باشلىنىشى كېرەك» دېدى.

«بىز ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىدە ھەققىدە چىقارغان قارارلىرىغا تېخىمۇ كۆپ توسقۇنلۇق قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن فىدان: «غەززەدىكى پاجىئەدىنمۇ ناچار بولغىنى، پەزىلەتلىك ئىكەنلىكى بىلەن پەخىرلىنىۋاتقان بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بۇ قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلىشىدۇر. بىز خەلقئارا جەمئىيەتنى مەسئۇلىيىتىنى بالدۇرراق ئادا قىلىپ، ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى بالدۇرراق يولغا قويۇشقا چاقىرىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر