تۈركىيە پاكىستاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە پاكىستاندا يۈز بېرىپ، 23 ئەسكەرنىڭ شېھىت بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

2075984
تۈركىيە پاكىستاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان خەيبەر پاختونخۋا ئۆلكىسىنىڭ دەرا ئىسمائىل خان رايونىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 23 ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، چوڭقۇر قايغۇردۇق. بىز بۇ قەبىھ تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەيمىز ھەمدە شېھىت بولغان ئەسكەرلەرگە ئاللاھتىن رەھىم – شەپقەت تىلەيمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورايمىز» دېدى.

باياناتتا، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى ئورتاق كۈرەشتە پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پاكىستاننىڭ خەيبەر پاختونخۋا ئۆلكىسىدە ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 23 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئالتە قوراللىق ئۇنسۇر بىر تەرەپ قىلىنغانىدى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى پاكىستان تالىبانلىرى قارمىقىدىكى «تەھرىكى جىھادى پاكىستان» ناملىق بىر تەشكىلات ئۈستىگە ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر