تۈركىيەنىڭ ھەممىلا جايلىرىدا ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىشلار داۋاملاشماقتا

تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قىرغىنچىلىقىغا قارشى نارازىلىقلار داۋاملاشماقتا.

2074630
تۈركىيەنىڭ ھەممىلا جايلىرىدا ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىشلار داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ نۇرغۇنلىغان جايلىرىدا ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە سەھىيە خادىملىرى نارازىلىق يۈرۈشى ئېلىپ  باردى.

يۈرۈشلەردە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.

ترابزوندا ئاممىۋى تەشكىلاتلار «بالىلار ئۆلمىسۇن! بالىلار چوڭ بولسۇن!» دەپ شوئارلارنى توۋلىغان  ھالدا يۈرۈش قىلدى. «ئەركىن غەززە ئۈچۈن بالىلاريۈرىشى» گە نەچچە يۈزلىگەن ئۆسمۈرلەر قاتناشتى.

ئېرزۇرۇمدىمۇ سوغۇق ۋە يامغۇرلۇق ھاۋاغا قارىماي، سەھىيە خادىملىرى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى زۇلۇملىرىغا قارشى «سۈكۈتلۈك يۈرۈش» ئۆتكۈزدى.

يۈرۈشتىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، «دوختۇر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، دوختۇرلۇق كەسپىگە يارىشىملىق پوزىتسىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا قەتئىي ئىرادىگە ئىگىمىز. بارلىق دوختۇرلارنى، سەھىيە خادىملىرىنى ۋە ۋىجدانلىق كىشىلەرنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە، بايقۇت قىلىشقا، سۈكۈت قىلماسلىققا، ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىرىق قىلىمىز» دېيىلدى.

ئاماسيادىمۇ ئاكادېمىكلار ۋە ماردىندا بولسا ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىر يەرگە جەم بولۇپ يۈرۈش قىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە 7 مىڭ 112 كىچىك بالا ۋە 4 مىڭ 885 ئايالنى قوشقاندا، جەمئىي 17 مىڭ 487 پەلەستىنلىك قازا قىلدى. خارابىلىك ئاستىدا مىڭلىغان جەسەت بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر